يۇمشاق نۇر ۋە قاتتىق نۇر

يۇمشاق نۇر ۋە قاتتىق نۇر

يۇمشاق نۇر ۋە قاتتىق نۇر سۈرەتچىلىكتە كەم بولسا بولمايدىغان نۇر مەنبەلىرىدىن ئىبارەت..

يۇمشاق نۇر دېگىنىمىز قايىتقان نۇر ياكى يۇمشاق نۇر ئىكرانىدىن چىققان نۇرنى كۆرسىتىدۇ ئۇ چېچىلغان نۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا كەڭ دائىرىدە ھەرخىل يۆنىلىشتە چۈشكەن نۇردىن ئىبارەت. مەسىلەن: تام ياكى چوڭراق رەخىتتىن قايىتقان نۇر. ھاۋا بۇلۇتلۇق كۈنلەردىكى مۇھىتنىڭ يورۇقى ئەڭ ياخشى يۇمشاق نۇر مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. يۇمشاق نۇرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا چۈشكەن نۇر بىلەن كۆلەڭگىنىڭ چىگراسى بەك روشەن ئەمەس. جىسىم يۈزىدىكى يورۇق-قاراڭغۇلۇق پەرقىمۇ بەك روشەن بولمايدۇ. رەڭلەرنىڭ كۈچىنىشلىگىمۇ ئاجىز بولىدۇ.كۆپىنچە يۇمشاق نۇر مەنبەسىنى كەسپىي مەھسۇلات سۈرەتچىلىكىدە كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. ئادەتتە سۈرەتخانىلاردا يۇمشاق نۇر ساندۇقى ئىشلىتىش ياكى نۇر مەنبەسى ئالدىغا ئاق رەخىت قويۇش ئارقىلىق يۇمشاق نۇر مەنبەسىگە ئېرىشىدۇ.

تۆۋەندىكىلىرى سۈرەتخانىلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق نۇر مەنبەلىرى

قاتتىق نۇر بولسا نوقتا ھالەتتىكى نۇر مەنبەسى ياكى سېلىندىرسىمان نۇر مەنبەسى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نۇرنى كۆرسىتىدۇ. قاتتىق نۇرنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى؛ جىسىم يۈزىدىكى يورۇق ۋە قاراڭغۇ ئورۇننىڭ ئارلىقىدا ناھايىتى روشەن چىگرا بولىدۇ. رەڭلەرنىڭ كۈچىنىشلىگىمۇ كۈچلۈك، سايىسىنىڭ چىگراسى ئېنىق، بولىدۇ. بەزىبىر قىسىم ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ۋە بەدئىي سۈرەتلەرنى تارتىشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل نۇرنىڭ ئۆي ئىچى سۈرەتچىلىكىدە قوللىنىلىش نىسپىتى بىر قەدەر تۆۋەن ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان نۇردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۆي ئىچى سۈرەتچىلىكىدە قوللىنىش نىسپىتىنىڭ تۆۋەن بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا كۆپ قىسىم سۈرەتچىلەرنىڭ بۇ نۇردىن قانداق پايدىلنىشنى بىلمىگەنلىكى ياكى بۇخىل نۇرغا ئىتىبارسىز قارىغانلىقىدىن ئىبارەت.  قاتتىق نۇرغا يەنە نۇر قايتۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان تەكشى يۈزلۈك جىسىملار ئارقىلىقمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردىكى قوياش نۇرىمۇ دەل قاتتىق نۇردىن ئىبارەت.

تۆۋەندىكىسى سۈرەتخانىلاردىكى قاتتىق نۇر مەنبەسى

فوتو-سۈرەتچىلىكتە قاتتىق نۇر كۆپ قىسىم ئەھۋالدا يەككە ھالەتتە ئىشلىتىلىدۇ. يۇمشاق نۇر بولسا كۆپىنچە بىرقانچە مەنبە بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىلىدۇ.

  • مۇلازىمەتچى
  • تاۋباۋ
  • ئېلخەت
  • ئۈستىگە قايتىش

ئەندىزە تورى فىلىم-سۈرەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى مەخسۇسلاشقان سېستىما ۋە ئەندىزەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسپىي تور بەت

فىلىم-سۈرەتچىلىك سېستىمىسى سىن ئەندىزىللىرى