سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك

سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك

 

بۈگۈن سىلەرگە سىرتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى موھىم مەخپىيەتلىكتىن بىرنى ئېلىپ كەلدىم.
ئادەتتە سىرتلاردا سۈرەتكە تارتقان ۋاقىتتا نۇر قايتۇرغۇچ تاختا ئىنتايىن مۇھىم. بۇنى ئەسكەرتمىسەممۇ فوتوگىرافلىرىمىز بىلىدۇ ئەلۋەتتە. نۇرنىڭ قايتىشى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى تەكشى قايتىش، ئىككىنجىسى چاچراپ قايتىش. ئەگەر نۇر قايتۇرغۇچى جىسىم يۈزى تەكشى بولسا نۇر تەكشى قايتىدۇ. ئەگەر نۇر قايتۇرغۇچى جىسىم يۈزى قوپال بولسا نۇر چاچراپ قايتىدۇ. بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان نۇر قايتۇرغۇچ تاختىلارنىڭ يۈزى تەكشى ئەمەس. تەكشى قايىتقان نۇر قاتتىق نۇر مەنبەسى. چاچراپ قايىتقان نۇر يۇمشاق نۇر مەنبەسى بولىدۇ. بىز سۈرەتچىلىكتە قاتتىق نۇر مەنبەسىگە قارىغاندا يۇمشاق نۇر مەنبەسىگە كۆپرەك مۇھتاج بولىمىز. شۇڭا نۇر قايتۇرغۇچ تاختىلىرىمىز نۇرنى تەكشى قايتۇرماي چېچىلغان ھالەتتە قايتۇرىدۇ. ئەمما مىنىڭ تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم تەكشى قايتۇرۇلغان نۇردىن پايدىلنىش.
يۇمشاق نۇرنىڭ قاتتىق نۇرچۈشكەن جىسىم يۈزىنىڭ يورۇق قاراڭغۇ دائىرىلىرىنىڭ چىگرىسى روشەن، يورۇقلۇق پەرقى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا سۈرەتچىلىكتە قاتتىق نۇرنى چاچقا ئۈنۈم بەرگەندە كۆپرەك ئىشلىتىمىز.

تۆۋەندە بىر يۈرۈش سۈرەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ چۈڭقۇرراق چۈشىنىپ باقايلى.

سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك

يۇقارقى ئىككى پارچەسۈرەتكە قارايدىغان بولساق، بىرىجنى پارچە سۈرەت قۇياش نۇرىنى بىۋاستە چۈشۈرۈپلا تارتقان سۈرەت، بىۋاستە چۈشكەن قوياش نۇرى قاتتىق نۇر. مودىلنىڭ يۈز قىسمىدىكى يورۇق بۆلەكنىڭ يورۇقلۇق كۈچىنىشلىكى يۇقىرى، قاراڭغۇ نوقتىسى بەكلا قاراڭغۇ. كەينى مەنزىرىنىڭ ئارلىق يىراق بولغاچقا مودىلنىڭ يورۇق قىسمىدىكى ئەڭ يورۇق نوقتىنىڭ كۈچىنىشلىك دەرىجىسىنى ئاساس قىلىپ تارتىلغان سۈرەتنىڭ مەنزىرە قىسمىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ قالغان. بۇ خۇددى ئاپپارات كۆزىنى نۇر مەنبەسىگە ئۇدۇل قارىتىپ سۈرەتكە تارتساق ئاساسىي ئوبىكىت قاراڭغۇ چىقىۋالغاندەك، ياكى كۈچلۈك چىراق نۇرى كۆزىمىزگەچۈشۈپ تۇرغاندا بىز ئالدىمىزدىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمىگەندەكلا ئىش. ئىككىنجى پارچە سۈرەتكە كەلسەك بۇ سۈرەتتە مودىلغا يۇمشاق نۇر ئۇرۇلغان.

سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك

 

يەنى يۇقارقىدەك قۇياش نۇرىنى بىر پارچە ئاق رەخىتتىن ئۆتكۈزۈپ يۇمشاق نۇرغا ئۆزگەرتىپ پايدىلانغان. گەرچە چىراي قىسمى ياخشى چىققان بولسىمۇ بىراق ئارقا تەگلىك بىلەن مودىل بەكلا ئېنىق ئايرىلىپ، مەنزىرىگە سىڭىشەلمەي قالغان. ھەم سۈرەت بىرخىل جانسىز، ئىتتىك قاراشقا تۇزسىز تاماقتەك تۇيغۇ بىرىدۇ. شۇڭا سۈرەتتىكى مودىلنىڭ چاچ قىسمىغا ئازراق قاتتىق نۇر بىرىش ئارقىلىق ئوبىكىتنى مەنزىرىگە سىڭدۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكەن.

سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك

تۆۋەندىكىلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشاش ئەھۋال.

سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك

ئاستىدىكى سۈرەتلەردە بولسا ئومومىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغان بىلەن، بىراق قۇياش نۇرى يەنى قاتتىق نۇر سول تەرەپ ئارقا ئۈستۈنكى قىسمىدىن چاچقا بىۋاستە چۈشكەن بولغاچقا مودىلنىڭ يۈزقىسمىغا نۇر يىتىشمىگەن.

سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك

شۇڭا ئوڭ تەرەپكە بىر نۇرقايتۇرغۇچ قويۇش ئارقىلىق يۈزنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرغان

سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك

يۇقارقى سۈرەتلەردىكى تەكشى قايتۇرغۇچنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتمەڭ. ئادەتتە ھەممىسىلا ئۇنداق چوڭ بولىۋەرمەيدۇ. كىچىكلىرىنى ئىشلەتسەكمۇ يەنە راڭلىكلىرىنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ

سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىكسىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك سىرتقى مۇھىتتا سۈرەتكە تارتىشتىكى مەخپىيەتلىك

تەكشى نۇر قايتۇرغۇچنىڭ ئۇنىڭدىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇن قوللىنىشلىرى بار.

يۇقارقى مىساللاردا ئاساسەن چاچنى پارقىرىتىشقا ئىشلىتىلگەن نۇر قاتتىق نۇر. دېمەك ئۆي ئىچى سۈرەتلىرىدىمۇ چاچقا قاتتىق نۇر ئىشلەتسەك نۇرنىڭ دائىرىسىنى كونتىرول قىلىش سەل ئوڭاي ۋە ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ

بەھىرلەش :
(0)

ئەندىزە تورى سىناق ھالەتتە ئېچىۋېتىلدى، يىڭى يىلدىن باشلاپ رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ.ھازىر ئەزالىق نامى تىزىملىتىپ ئوڭ تەرەپتىكى تور بەت مۇلازىمەتىچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ يەتتە كۈنلۈك VIPھۇقۇقتىن ھەقسىز بەھرىمەن بولسىڭىز بۇلىدۇ