ئالاھىدە ئۈنۈملۈك سۈرەتكە تارتىش شۇنچە قىيىنمۇ؟

ئالاھىدە ئۈنۈملۈك سۈرەتكە تارتىش شۇنچە قىيىنمۇ؟

 

ئالاھىدە ئۈنۈملۈك سۈرەتكە تارتىش شۇنچە قىيىنمۇ؟
سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشتىن سۈرەتكە تارتىش موھىم. ھەتتا بەزى سۈرەتلەرنى Photoshop تا بىر تەرەپ قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.تۆۋەندە دەل ئاشۇنداق تېخنىكىلاردىن بىرقانچىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.

تارتىلىپ بولغان سۈرەت رەڭگىنى چوقۇم Photoshop تا تەڭشەش كېرەكمۇ؟
ياق سىز رەڭلىك چىراق ياقسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمدى رەڭلىك چىراقنى قايەردىن ئىزدەيمىز؟ بۇ بەلكىم بېشىڭىزنى قاتۇرۇشى مومكىن. چىراقنىڭ ئاساسىي رولى بولسا يورۇتۇش. شۇڭا قولچىراق ياكى ئۈستەل چىرىقى ئىشلەتسەكمۇ بولىۋىرىدۇ. رەڭلىك قىلىش ئۈچۈن ئالدىغا رەڭلىك يالتىراق (سۇلياۋ) قويساقلا كۇپايە.

ئەگەر رەڭلىك يالتىراق تاپالمىغاندىچۇ؟ بۇمۇ ئوڭاي، ئادەتتىكى سۈزۈك يالتىراقنى ياكى يىمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان سۈزۈك سۇلياۋ خالتىنى رەڭلىك موي قەلەپ بىلەن بويىساقلا كۇپايە.

ئۈچ پۇتلۇق تېرەك بولمىغان ئەھۋالدا ئاپپاراتنى نىسپىيمۇقۇملاشتۇرىدىغان ئۇسۇل.

 

ھەرخىل شەكىللىك نۇر چەمبىرەكتىن پايدىلنىپ باققانمۇ؟؟
بۇ ئۇسۇلنىمۇ چوقۇم سىناپ بېقىڭ. بولۇپمۇ تويلۇق سۈرىتى تارتىدىغان كەسپىي سۈرەتچىلەر كەچلىك توي سۈرەتلىرىنى تارتىشتا بۇ ئۇسۇلنى چوقۇم بىلىشى كېرەك.

ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇلدىكى نۇر چەمبىرەكنى باشقا شەكىلدەياسىسىڭىز ئەلۋەتتە ئېرىشكەن ئۈنۈممۇ شۇ شەكىلدە بولىدۇ.

ئاپپاراتىڭىزنىڭ ئاپپارات كۆزىدە ئاسراش ئەينىكى بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا بۇ ئۇسۇلنىمۇ سىناپ بېقىڭ، ئاسراش ئەينىكى يوق ئەھۋالدا ھەرگىز سىناشقا بولمايدۇ.

ئاپپارات كۆزىگە ئازراق ۋازلىن سۈركەڭ، ئەمما ئازراق بوشلۇق قالدۇرۇڭ.

بۇنىڭمۇ ئۈنۈمى ناھايىتى ئۆزگىچە چىقىدۇ.

بالىلىقىڭىزدا سارغايدى ئويناپ باققانمۇ؟ مەن بىر قېتىم بەك ئوينىۋىتىپ، ئاجايىپ سارغىيىپ كىتىپ، نەچچە كۈنگىچە ئورنۇمدىن تۇرالماي ياتقان. ئەمما مۇۋاپىق پايدىلانسىڭىز ئۇنىڭدىمۇ ئۆزگىچە سۈرەت تارتالايسىز. ئەمما بۇ ئۇسۇلنى سىنىغاندا تەپكە تىزلىكىنى تۆۋەنرەك تەڭشەشنى ئۇنۇتماڭ.

مەھسۇلات سۈرەتلىرىنى تارتقاندا تۆۋەندىكى ئۇسۇلمۇ بوپ قويىدۇ.
بۇنىڭغا بىر پارچە چوڭراق ئەينەك بىلەن ئازراق مۇز پارچىسى بولسىلا بولىدۇ.

جىددىي پەيىتلەردە بۇ ئۇسۇلدىمۇ ئۆزگىچە سۈرەتلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

تۆۋەندە يەنە بىر قانچە ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمەن. ئەمما بۇلارنى بىلىپلا قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىنىماقچى بولسىڭىز بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلغان ئاساستا سىناڭ. ئۆزىڭىزنىڭلا ئەمەس، بەزىلىرىدە ئاپپاراتىڭىزنىڭ، بەزىسىدە مۇھىتنىڭ دىگەندەك.

ئوت چەمبىرىكى

ئۆزگىچە نۇر يولى ئۈنۈمى چىقىرىش

بۇ ئۈنۈمنى چىقىرىشتا تەپكە تىزلىكىنى بەكرەك تۆۋەن تەڭشەڭ

ئوت ئىچىدىكى ئادەم

يۇقارقى ئۇسۇللارنى سىنىغاندا ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ ئاندىن سىناڭ. بولمىسا كۈتۈلمىگەنيامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مومكىن.

رەڭلىك تۇمان
بۇ ئۇسۇلنى سىنىغاندا شامالنىڭ يۆنىلىشىنى ياخشى ئويلاشمىسىڭىز ئاپپاراتىڭىزنى كاردىن چىقىرىۋېلىشىڭىز مومكىن.

يامغۇردىن كېيىن
بۇ ئۇسۇلنى سىنىغاندا ئاپپاراتقا سۇ كىرىپ كىتىشتىن قاتتىق ئىھتىيات قىلىڭ.

ئاخىرقى بۇ ئۇسۇلنى ئەينەكنىڭ چىقىمىغا چىدىسىڭىز سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

  • مۇلازىمەتچى
  • تاۋباۋ
  • ئېلخەت
  • ئۈستىگە قايتىش

ئەندىزە تورى فىلىم-سۈرەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى مەخسۇسلاشقان سېستىما ۋە ئەندىزەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسپىي تور بەت

فىلىم-سۈرەتچىلىك سېستىمىسى سىن ئەندىزىللىرى