تېلېفۇندا سۈرەتكە تارتىشتىكى ئۆزگىچە تېخنىكىلار

ئىلىم – پەن تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشى جەمئىيەت تەرەققىياتىغىمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يان تېلېفۇنغا سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى قوشۇلغاندىن تارتىپ كەسپىي ئاپپاراتلارغا ۋە سۈرەتچىلىك كەسپىگە ئېغىر خىرىسمۇ ئېلىپ كەلدى. ھازىرقى بەزى يان تېلېفۇنلارنىڭ ئېنىقلىقى ۋە ئىقتىدارى جەھەتتە تاس قالىدۇ كەسپىي ئاپپاراتلارنى بېسىپ چۈشكىلى. سالونغا كەسپىي ئاپپارات توغرىسىدىلا مەزمۇ يوللاۋەرسەم مەنمۇ شاللىنىپ قالغۇدەك تۇرىمەن. شۇڭا بۇندىن كىيىن يانفۇن سۈرەتچىلىكى توغرىسىدىمۇ ئارىلاپ تېما يوللاشنى توغرا تاپتىم. ھەمدە بۈگۈن يانفۇن سۈرەتچىلىكى توغرىسىدىكى تۇنجى تېمامنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
تۆۋەندە يانفۇندا سۈرەتكە تارتىشتىن بىرقانچە تېخنىكا بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.
بىر تال رەڭلىك كۆزئەينەك بىلەن يانفۇننىڭ فوتو-ئاپپاراتىنى بىرلەشتۈرسىڭىز ھەقىقەتەن ئۆزگىچە سۈرەتكە ئېرىشەلەيسىز. Photoshop تا رەڭ تەڭشىشىڭىز بىھاجەت.

تېلېفۇندا سۈرەتكە تارتىشتىكى ئۆزگىچە تېخنىكىلار

بىر تال سۈزۈك ئەينەك ئىستاكان ۋە بىر يانفۇن ئارقىلىق سۇ ئاستى سۈرەتلىرىنى تارتقىلى بولىدۇ.

تېلېفۇندا سۈرەتكە تارتىشتىكى ئۆزگىچە تېخنىكىلار تېلېفۇندا سۈرەتكە تارتىشتىكى ئۆزگىچە تېخنىكىلار

يانفۇنىڭىزنىڭ ئاپپارات كۆزىنىڭ سۈپىتىگە ئىشەنچ قىلالىسىڭىز بۇ ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ. بىر تامچە سۈ بىلەنلا مىكرو ئارلىق كۆزى ياسىغىلى بولىدۇ.

تېلېفۇندا سۈرەتكە تارتىشتىكى ئۆزگىچە تېخنىكىلار تېلېفۇندا سۈرەتكە تارتىشتىكى ئۆزگىچە تېخنىكىلار

بىرتال قارا رەڭلىك كىچىك تۇربا بىلەن بۇنداق سۈرەتكە تارتىشنىمۇ سىناپ كۆرۈڭ.

تېلېفۇندا سۈرەتكە تارتىشتىكى ئۆزگىچە تېخنىكىلار

ھازىرقى يانفۇنلارنىڭ كۆپ قىسمىدا تولۇق كۆرۈنۈشلۈك سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ. بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئەمما بۇ ئىقتىداردىن پايدىلنىپ تۆۋەندىكىدەك سۈرەت تارتىشنى سىناپ باقتىڭىزمۇ؟

تېلېفۇندا سۈرەتكە تارتىشتىكى ئۆزگىچە تېخنىكىلار تېلېفۇندا سۈرەتكە تارتىشتىكى ئۆزگىچە تېخنىكىلار

بەھىرلەش :
(0)

ئەندىزە تورى سىناق ھالەتتە ئېچىۋېتىلدى، يىڭى يىلدىن باشلاپ رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ.ھازىر ئەزالىق نامى تىزىملىتىپ ئوڭ تەرەپتىكى تور بەت مۇلازىمەتىچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ يەتتە كۈنلۈك VIPھۇقۇقتىن ھەقسىز بەھرىمەن بولسىڭىز بۇلىدۇ