ئەندىزە مۇنبىرى

ئىزدەش
كۆرۈش: 216|ئىنكاس: 0

[يورۇقلۇق] يورۇقلۇقنى چۈشىنەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

9

يازما

72

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
72
ۋاقتى: 2017-12-22 03:02:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئادەتتە يورۇقلۇق تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ موھىم ئامىللاردىن بىرى. ئىنسانلار ئىلگىرى يورۇقلۇقتىن پەقەت جىسىملارنى كۆرۈشتىلا پايدىلانغان بولسا ھازىر ئۇچۇر يەتكۈزۈشتىن تارتىپ ئىنىرگىيە ھاسىل قىلىشقىچە نۇرغۇن ساھەلەردە پايدىلنىۋاتىدۇ.  نۇر بىر خىل ئېلىكتىر ماگىنىت دولقۇنى بولۇپ، بىز مەلۇم بىر بۆلەك چاستوتىدىكى ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىنىلا كۆرەلەيمىز. بۇ كۆرۈنىدىغان نۇر دەپ ئاتىلىدۇ. سۈرەتچىلىكتە بىز نۇرنى قاتتىق نۇر ۋە يۇمشاق نۇر دەپ ئىككى خىلغا ئايرىيمىز.
يۇمشاق نۇر دېگىنىمىز قايىتقان نۇر ياكى يۇمشاق نۇر ئىكرانىدىن چىققان نۇرنى كۆرسىتىدۇ ئۇ چېچىلغان نۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا كەڭ دائىرىدە ھەرخىل يۆنىلىشتە چۈشكەن نۇردىن ئىبارەت. مەسىلەن: تام ياكى چوڭراق رەخىتتىن قايىتقان نۇر. ھاۋا بۇلۇتلۇق كۈنلەردىكى مۇھىتنىڭ يورۇقى ئەڭ ياخشى يۇمشاق نۇر مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. يۇمشاق نۇرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا چۈشكەن نۇر بىلەن كۆلەڭگىنىڭ چىگراسى بەك روشەن ئەمەس. جىسىم يۈزىدىكى يورۇق-قاراڭغۇلۇق پەرقىمۇ بەك روشەن بولمايدۇ. رەڭلەرنىڭ كۈچىنىشلىگىمۇ ئاجىز بولىدۇ.كۆپىنچە يۇمشاق نۇر مەنبەسىنى كەسپىي مەھسۇلات سۈرەتچىلىكىدە كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. ئادەتتە سۈرەتخانىلاردا يۇمشاق نۇر ساندۇقى ئىشلىتىش ياكى نۇر مەنبەسى ئالدىغا ئاق رەخىت قويۇش ئارقىلىق يۇمشاق نۇر مەنبەسىگە ئېرىشىدۇ.

تۆۋەندىكىلىرى سۈرەتخانىلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق نۇر مەنبەلىرى






قاتتىق نۇر بولسا نوقتا ھالەتتىكى نۇر مەنبەسى ياكى سېلىندىرسىمان نۇر مەنبەسى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نۇرنى كۆرسىتىدۇ. قاتتىق نۇرنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى؛ جىسىم يۈزىدىكى يورۇق ۋە قاراڭغۇ ئورۇننىڭ ئارلىقىدا ناھايىتى روشەن چىگرا بولىدۇ. رەڭلەرنىڭ كۈچىنىشلىگىمۇ كۈچلۈك، سايىسىنىڭ چىگراسى ئېنىق، بولىدۇ. بەزىبىر قىسىم ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ۋە بەدئىي سۈرەتلەرنى تارتىشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل نۇرنىڭ ئۆي ئىچى سۈرەتچىلىكىدە قوللىنىلىش نىسپىتى بىر قەدەر تۆۋەن ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان نۇردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۆي ئىچى سۈرەتچىلىكىدە قوللىنىش نىسپىتىنىڭ تۆۋەن بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا كۆپ قىسىم سۈرەتچىلەرنىڭ بۇ نۇردىن قانداق پايدىلنىشنى بىلمىگەنلىكى ياكى بۇخىل نۇرغا ئىتىبارسىز قارىغانلىقىدىن ئىبارەت.  قاتتىق نۇرغا يەنە نۇر قايتۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان تەكشى يۈزلۈك جىسىملار ئارقىلىقمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردىكى قوياش نۇرىمۇ دەل قاتتىق نۇردىن ئىبارەت.

تۆۋەندىكىسى سۈرەتخانىلاردىكى قاتتىق نۇر مەنبەسى








فوتو-سۈرەتچىلىكتە قاتتىق نۇر كۆپ قىسىم ئەھۋالدا يەككە ھالەتتە ئىشلىتىلىدۇ. يۇمشاق نۇر بولسا كۆپىنچە بىرقانچە مەنبە بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىلىدۇ.




بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئىشلىتىش ئالىي ئىنكاس(رەسىىم、فىلىم قاتارلىقلارنى قىستۇرالايسىز)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

مۇنبەرگە يوللانغان ھەربىر مەزمۇن پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەربىر مۇنبەر ئەزاسى ئۆزى يوللىغان مەزمۇنغا قارىتا ئۆزى مەسئۇل بۇلىدۇ. ئىناق، ساغلام بولغان تور مۇھىتى بەرپا قىلىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار. تەمىنلەنگەن ئادرىسلارنىڭ ھەممىسى سىرتقى بەتكە ئۇلىنىدىغان بولغاچقا ھەربىر چۈشۈرۈش ئادرىسى ۋە ياكى باشقا قالدۇرۇلغان ئادرىسلارنى چەككەندە ئېھتىيات قىلىشىڭىزنى، بەك ئەنسىرسىڭىز بەتتە قالدۇرۇلغان ھەر قانداق ئۇلانمىنى چەكمەسلىكىڭىزنى ۋە ياكى مۇنبەرنى زىيارەت قىلماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز!
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش