工匠网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

手机号码,快捷登录

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 196|ئىنكاس: 0

فوتو-ئاپپاراتلاردىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھاتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

2

يازما

22

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
22
بۇ كەسىپكە يېڭىدىن قەدەم قويغان بىر قىسىم كەسىپداشلىرىمىز ئاپپاراتنىڭ بەزىبىر پارامىتىر ياكى تەڭشەكلىرىنى تازا چۈشىنىپ كىتەلمەي بىر مەزگىل تېڭىرقاپ قالىدۇ. شۇڭا مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئازراق ئىزاھات بىرىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم.

ئەڭ ئاساسىي ئۇقۇملار
تەپكە تىزلىكى (快门) : ئاساسلىقى تەسۋىر ساقلىغۇچقا تەسۋىرنىڭ چۈشۈش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن 125/1 بولغاندا نۇرلىنىش ۋاقتى 125 دىن بىر سىكونت بولىدۇ. يەنى سېكونتىغا 125 پارچە تەسۋىر چۈشىدىغان تىزلىكتە دىگەن گەپ. ھازىرقى رەقەملىك ئاپپاراتلارنىڭ تەپكە تىزلىكى 8000/1 سىكونتتىن ھالقىپ كەتتى.
نۇر چەمبىرەك (光圈): بۇ ئاساسلىقى نۇر توسقۇچ ھالقا بولۇپ، سۈرەتنىڭ نۇرلىنىش دەرىجىسى كۈچلىك بولۇپ كەتكەندە ئاپپاراتنىڭ تەسۋىر ساقلىغۇچقا چۈشىدىغان يورۇقلۇق مىقدارىنى كونتىرول قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قۇرۇلما كەسپىي ئاپپاراتلارنىڭ ئاپپارات كۆزى(镜头)گە ئورۇنلاشقان بولغاچقا ئادەتتە سەپلەنگەن ئاپپارات كۆزى تەرىپىدىن بەلگىلنىدۇ.  ئۇنىڭ ئاپپارات يۇزىدىكى قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسىرى كىچىك ئېچىلىپ، چۈشىدىغان نۇرنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ ماڭىدۇ. بۇنىڭ قىممىتىنىڭ ئالدىغا ئادەتتە F ھەرىپى قوشۇپ يېزىلىدۇ.
يورۇقلۇق سىزىمچانلىقى ISO (感光度): بۇ ئادەتتە تەسۋىر ساقلىغۇچقا چۈشكەن نۇرنىڭ كۈچەيتىش دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا نۇر يىتەرلىك بولمىغان شارائىت ئاستىدا قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئاپپاراتقا چۈشكەن تەسۋىرنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئەمما قانچە يۇقىرى كۆتۈرگەنسىرى سۈرەت يۈزىدە ئۇششاق چىكىتلەر كۆپ بولۇپ، سۈرەتنىڭ ئەينەنلىكىگە تەسىر يىتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ قىممىتىنى ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەڭ تۆۋەن چەككە تەڭشەپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئېنىقلىقى يەنى شىياڭسۇسى (像素): ئادەتتە ئاپپارات تارتقان سۈرەتلەر نۇرغۇنلىغان رەڭلىك نوقتىلاردىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئاپپاراتنىڭ ئېنىقلىقى بولسا دەل ئاشۇ سۈرەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئومومىي نوقتا سانىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە بىر پارچە سۈرەتنى 400 دانە نوقتا بىلەن ئىپادىلىگەندىن 600 دانە نوقتا بىلەن ئىپادىلىسەك تېخىمۇ ئېنىقراق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ سان قانچە يۇقىرى بولسا ئاپپارات تارتقان سۈرەتنىڭ ئېنىقلىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن: كانون 5D4 ئاپپاراتنىڭ ئېنىقلىقى 31 مىلىيۇن پىكسىل ئەتراپىدا.
فوكۇسلاش نوقتىسى سانى(对焦点数): ئادەتتە كەسپىي ئاپپاراتلارنىڭ ئىكراندىن ئەمەس بەلكى قاراش كۆزىدىن قاراپ تۇرۇپ سۈرەتكە تارتقان ۋاقىتتا بىزگە بىرقانچىلىقان كىچىك كاتەكچىلەر كۆرۈنىدۇ. شۇلار دەل فوكۇسلاش نۇقتىلىرىدىن ئىبارەت. ئادەتتە قايسى كاتەك قىزىل يورۇسا بىز تارتماقچى بولغان سۈرەتتىكى شۇ كاتەك بار ئورۇنغا فوكۇس ئەڭ ياخشى توغىرلانغان بولىدۇ. بۇ كاتەكچىلەر ئارقىلىق فوكۇسلاش نوقتىسىنى ئۆزىمىز بىكىتىپ پايدىلانساق بولىدۇ. ئادەتتە دەسلەپكى سەۋىيەدىكى كەسپىي ئاپپاراتلارغا قارىغاندا يۇقىرى دەرىجىدىكى كەسپىي ئاپپاراتلارنىڭ فوكۇسلاش نوقتىلىرىنىڭ سانى كۆپ، ئورۇنلىشىشى زىچ بولىدۇ.
ئاق تەڭپۇڭلۇق(白平衡): بۇ ئادەتتە رەڭ ھارارىتىنىڭ تولۇقلىما تەڭشىكى بولۇپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى يورۇقلۇقنىڭ رەڭگىمۇ ئوخشىمايدۇ. بۇ رەڭ ھارارىتى دىيىلىدۇ. ئاق تەڭپۇڭلۇق بولسا شۇ يورۇقلۇقنىڭ كۈچىنىشلىكىگە ئاساسەن ھاسىل بولغان رەڭلىك نۇرنى ماس ھالەتتىكى نۇر بىلەن بىرىكتۈرۈپ ئومومىي سۈرەت رەڭگىنى مۇۋاپىق ھالەتكە ئەكىلىش رولىنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا ئەگەر رەڭ ھارارىتى مۇھىتنىڭ يورۇقلۇق كۈچىنىشلىكى بىلەن ماس ھالدا تەڭشەلمىسە تارتىلغان سۈرەتنىڭ رەڭگى نورمال چىقمايدۇ. ئادەتتە بەزى سۈرەتلەرنىڭ سېرىق، بەزىلىرىنىڭ كۆك چىقىپ قېلىشى دەل مۇشۇ پارامىتىرنىڭ توغرا تەڭشەلمەسلىكىدىن بولىدۇ.

فوكۇس ئارلىقى(焦距): بۇ ئادەتتە ئاپپارات كۆزى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئاپپارات كۆزىنىڭ ئوپتىكىلىق قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە ئاپپارات كۆزىگە يېزىلغان بولىدۇ. مەسىلەن: 18-55mm بۇ دېگەنلىك ئەڭ يېقىن فوكۇس ئارلىقى 18 مىللىمىتىر، ئەڭ يىراق فوكۇس ئارلىقى 55 مىللىمىتىر بولۇپ بۇ كۆز مۇشۇ دائىرە ئىچىدە فوكۇس ئالالايدۇ دىگەنلىك بولىدۇ.ئادەتتە فوكۇس ئارلىقى قىممىتى قانچە يۇقىرى بولغانسىرى شۇنچە تار دائىرىنى سۈرەتكە تارتىدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا فوكۇس ئارلىقى قانچە چوڭ بولغانسىرى شۇنچە يېقىنلىتىدۇ دېگەن گەپ.
بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي، كەسىپداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئاساسەن بەلكىن تولۇقلاپ يوللىشىم مومكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەرگە يوللانغان ھەربىر مەزمۇن پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەربىر مۇنبەر ئەزاسى ئۆزى يوللىغان مەزمۇنغا قارىتا ئۆزى مەسئۇل بۇلىدۇ. ئىناق، ساغلام بولغان تور مۇھىتى بەرپا قىلىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار. مۇنبەرگە ئۇلانما ئادرىسى بار ھەر قانداق تىما، ئېنكاس يوللاش بىردەك چەكلىنىدۇ، مۇبادا شۇنداق ئەزالار بايقىلىپ قالسا بىردەك مۇنبەر قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزىلىدۇ!

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|工匠网 ( 新ICP备15002090号-3

GMT+8, 2018-8-16 23:32 , Processed in 0.049922 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش