工匠网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

手机号码,快捷登录

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 203|ئىنكاس: 0

يۇمشاق نۇر ۋە قاتتىق نۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

27

يازما

198

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
198
يۇمشاق نۇر ۋە قاتتىق نۇر



يۇمشاق نۇر ۋە قاتتىق نۇر سۈرەتچىلىكتە كەم بولسا بولمايدىغان نۇر مەنبەلىرىدىن ئىبارەت.
يۇمشاق نۇر دېگىنىمىز قايىتقان نۇر ياكى يۇمشاق نۇر ئىكرانىدىن چىققان نۇرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ چېچىلغان نۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا كەڭ دائىرىدە ھەرخىل يۆنىلىشتە چۈشكەن نۇردىن ئىبارەت. مەسىلەن: تام ياكى چوڭراق رەخىتتىن قايىتقان نۇر. ھاۋا بۇلۇتلۇق كۈنلەردىكى مۇھىتنىڭ يورۇقى ئەڭ ياخشى يۇمشاق نۇر مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. يۇمشاق نۇرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا چۈشكەن نۇر بىلەن كۆلەڭگىنىڭ چىگراسى بەك روشەن ئەمەس. جىسىم يۈزىدىكى يورۇق-قاراڭغۇلۇق پەرقىمۇ بەك روشەن بولمايدۇ. رەڭلەرنىڭ كۈچىنىشلىگىمۇ ئاجىز بولىدۇ.كۆپىنچە يۇمشاق نۇر مەنبەسىنى كەسپىي مەھسۇلات سۈرەتچىلىكىدە كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. ئادەتتە سۈرەتخانىلاردا يۇمشاق نۇر ساندۇقى ئىشلىتىش ياكى نۇر مەنبەسى ئالدىغا ئاق رەخىت قويۇش ئارقىلىق يۇمشاق نۇر مەنبەسىگە ئېرىشىدۇ.

تۆۋەندىكىلىرى سۈرەتخانىلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق نۇر مەنبەلىرى








قاتتىق نۇر بولسا نوقتا ھالەتتىكى نۇر مەنبەسى ياكى سېلىندىرسىمان نۇر مەنبەسى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نۇرنى كۆرسىتىدۇ. قاتتىق نۇرنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى؛ جىسىم يۈزىدىكى يورۇق ۋە قاراڭغۇ ئورۇننىڭ ئارلىقىدا ناھايىتى روشەن چىگرا بولىدۇ. رەڭلەرنىڭ كۈچىنىشلىگىمۇ كۈچلۈك، سايىسىنىڭ چىگراسى ئېنىق، بولىدۇ. بەزىبىر قىسىم ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ۋە بەدئىي سۈرەتلەرنى تارتىشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل نۇرنىڭ ئۆي ئىچى سۈرەتچىلىكىدە قوللىنىلىش نىسپىتى بىر قەدەر تۆۋەن ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان نۇردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۆي ئىچى سۈرەتچىلىكىدە قوللىنىش نىسپىتىنىڭ تۆۋەن بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا كۆپ قىسىم سۈرەتچىلەرنىڭ بۇ نۇردىن قانداق پايدىلنىشنى بىلمىگەنلىكى ياكى بۇخىل نۇرغا ئىتىبارسىز قارىغانلىقىدىن ئىبارەت.  قاتتىق نۇرغا يەنە نۇر قايتۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان تەكشى يۈزلۈك جىسىملار ئارقىلىقمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردىكى قوياش نۇرىمۇ دەل قاتتىق نۇردىن ئىبارەت.
تۆۋەندىكىسى سۈرەتخانىلاردىكى قاتتىق نۇر مەنبەسى





فوتو-سۈرەتچىلىكتە قاتتىق نۇر كۆپ قىسىم ئەھۋالدا يەككە ھالەتتە ئىشلىتىلىدۇ. يۇمشاق نۇر بولسا كۆپىنچە بىرقانچە مەنبە بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەرگە يوللانغان ھەربىر مەزمۇن پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەربىر مۇنبەر ئەزاسى ئۆزى يوللىغان مەزمۇنغا قارىتا ئۆزى مەسئۇل بۇلىدۇ. ئىناق، ساغلام بولغان تور مۇھىتى بەرپا قىلىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار. مۇنبەرگە ئۇلانما ئادرىسى بار ھەر قانداق تىما، ئېنكاس يوللاش بىردەك چەكلىنىدۇ، مۇبادا شۇنداق ئەزالار بايقىلىپ قالسا بىردەك مۇنبەر قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزىلىدۇ!

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|工匠网 ( 新ICP备15002090号-3

GMT+8, 2018-8-16 23:34 , Processed in 0.051215 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش