工匠网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

手机号码,快捷登录

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 0

فوتوگىرافلىقنى قانداق ئۆگىنىمىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

2

يازما

22

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
22
فوتوگىرافلىقنى قانداق ئۆگىنىمىز؟

فوتو-سۈرەتچىلىك كەسپى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە يوقىلاڭ بىر كەسىپ، «بۇنىڭدا پەقەت Photoshop نى ئازراقلا ئۆگىنىۋالسا شۇ يىتەرلىك، كومپيۇتېر ئىشلىتىش بىلەن Photoshop نى ئازراقلا بىلىۋالغان كىشى بۇ كەسىپنى قىلىپ كىتەلەيدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەت بولسا ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەمىسە قانداق؟ فوتو-سۈرەتچىلىك زادى قانداق كەسىپ؟ بۇنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟ قانداق قىلغاندا ئەڭ ئوڭاي ئۇسۇلدا ئۆگەنگىلى بولىدۇ؟ بۈگۈن بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم قاراشلىرىمنى كەسىپداشلار ۋە ھەۋەسكارلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.
فوتوگىرافلىقنىڭ ئۆزى سەنئەتنىڭ بىر تۈرى. ئۇنىڭ رولى پەقەت خاتېرە قالدۇرۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ ھازىر نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ ۋە ئەشۇ نۇرغۇن ساھەلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھەربىر ساھەدىكى سۈرەتكە بولغان ئىھتىياج پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇشى ناتايىن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن فوتوگىرافلار مۇلازىمەت خاراكتىرىدە ئەمەس بەلكى ئۆز ئارزۇسى ۋە قىززىقىشى بويىچە بۇ كەسىپنى قىلىدۇ. ئۇلار تەبىئەتنىڭ ھەرخىل مۆجىزىلىرىنى، ئىنسانلار جەمئىيتىدىكى بىز ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان ئەڭ كىچىك، ئەڭ نازۇك نوقتىلارنى خاتىرلەشنى ۋە سۈرەت ئارقىلىق يورۇتۇپ بىرىشنى ياقتۇرىدۇ. مەن ئاشۇنداق فوتوگىرافلارنى بەكلا ياقتۇرىمەن ۋە ھۆرمەتلەيمەن. ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك فوتوگىرافلىق بولسا قىسقىغىنا بىر پەيىتلىك كۆرۈنۈش ئارقىلىق مەلۇم بىر دەۋىرنى، مەلۇم تارىخنى، مەلۇم ھېكايىنى، مەلۇم شەخىسنى، مەلۇم مەدەنىيەتنى ۋە مەلۇم ھىس-تۇيغۇنى خاتىرلەيدىغان ۋە ئەكىس ئەتتۈرىدىغان كەسىپ. ئادەتتە مۇۋاپىقىيەتلىك تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت پەقەت ئېنىق ۋە چىرايلىق چىققان بولسىلا بولمايدۇ. ئۇنىڭغا فوتوگىراف ئۆز تۇيغۇسىنى سىڭدۈرگەن بولىدۇ. ئۇنىڭدا مەلۇم بىر مەزمۇن ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. ھېچ بولمىغاندا سىز قاراپلا ئۆتۈپ كەتمەيسىز. سىزنى دەقىقە بولسىمۇ خىيالغا غەرق قىلالايدۇ ياكى مەلۇم زوق ئاتا قىلالايدۇ. بەزىلىرى بەلكىم سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتەلىشى بىر قىسىم كۆز قاراشلىرىڭىزنى ھەتتا دۇنيا قاراشلىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلىشى مومكىن. ئەمما بۇنداق سۈرەتلەرنى تارتالىغۇدەك سەۋىيەگە يىتىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس.









ئۇنداقتا شۇ سەۋىيەگە يىتىش ئۈچۈن بىر فوتوگىراف قانداق ئۆگىنىش باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرىدۇ؟


ئۈسكۈنىلەر بىلەن تونۇشۇڭ ۋە ئۇنى چۈشىنىڭ

بىر كەسىپ ئىگىسىنىڭ ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى چۈشىنىشى خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئۆز بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ رولىنى چۈشەنگەنگە ئوخشايدۇ. شۇڭا ئاۋۋال ئۆز كەسپىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. مەسىلەن فوتوئاپپارات، چاقماق چىراق ۋە باشقا سۈرەتچىلىك جابدۇقلىرىنىڭ رولى نىمە؟ قولۇمدىكى ئاپپاراتنىڭ ئىقتىدارى قانچىلىك؟ بۇنىڭدا قانداق سۈرەتلەرنى تارتالايمەن؟ بۇ ئاپپاراتتا يەنە قانداق ئىقتىدارلار بار؟ بۇ ئىقتىدارلاردىن قانداق پايدىلنىمەن؟ چاقماق چىراقنى قانداق ئورۇنلاشتۇرسام كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمەن دېگەندەك. چوقۇم ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنىلەرنى تولۇق چۈشىنىشىڭىز ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنالىشىڭىز كېرەك. ئەمما ئارىمىزدا سۈرەتچىلىك قىلىۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ چىراقنىڭ ئورنى يۆتكىلىپ كەتسە ئاپپاراتنى ماسلاشتۇرالماي ئادەم چاقىرىدىغان كەسىپداشلار نۇرغۇن. بۇلارنىڭ شۇخىل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدا مىنىڭچە تۆۋەنندىكىدەك بىرقانچە خىل سەۋەپ بار.
بىرىنجىدىن ئۇلار ھازىر تارتقان سۈرەتلىرىدىن ۋە ھازىرقى نەتىجىلىرىدىن قانائەت ھاسىل قىلغان. شۇڭا ئىزدىنىشنى خالىمايدۇ.
ئىككىنجىدىن ئۇلار بۇزۇپ قويۇشتىن قورقىدۇ. ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق، تەڭشەكلىرىنى ئىختىيارىي تەڭشەپ بېقىشقا جۈرئىتى يوق. سىناپ باقاي دىمەيدۇ. شۇڭا بىر ئۆمۈر شۇ بىرخىل تەڭشەكتىلا ئۆتۈپ كىتىدۇ.
ئۈچىنجىدىن ئۇلار ئىتىبارسىز قارايدۇ. ئۇلار بۇ كەسىپكە قىزىقمايدۇ، ياقتۇرمايدۇ، پەقەت پۇل تېپىش ئۈچۈنلا قىلغان قوشۇمچە كەسپى، ئۇلارنىڭ يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بار شۇڭا بۇلارنى بىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئانچا موھىم ھىسابلانمايدۇ.
تۆتىنجىدىن ئۇلار كومپيۇتېردا تەھرىرلەشكىلا ئېسىلىۋالغان. سۈرەت ئېنىقلا چىقىپ بەرسە قالغان تەرەپلەرنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىپ كىتىشكە ئىشەنچىسى بار. شۇڭا ئۇلار ئاپپارات ۋە چىراغ توغرىسىدا ئىزدىنىپ بېقىشنى خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاپپارات ۋە چىراق پەقەتلا ياردەمچى ئۈسكۈنە خالاس، بۇ كەسىپ ئۇچۇن ئەڭ مۇھىم بولغىنى كومپيۇتېر تېخنىكىسى.
يۇقارقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلى نۇرغۇن كەسىپداشلىرىمىز بىر ئىزىدا توختاپ قالغان پېتى، ئالغا ئىلگىرلىمەي شۇ ھالىتىدە تىرىكچىلىك قىلماقتا.


قارىغۇلارچە ئۈسكۈنە قوغلاشماڭ

قارىغۇلارچە ئۈسكۈنە قوغلاشماڭ، چۈنكى كۆپ قىسىم ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەربىر يېڭىلانغان نەشرىدىكى پەرق چوڭ ئەمەس. قايسىسى يېڭى چىقسا شۇنى سېتىۋالىدىغان، قايسىسىنىڭ ئاتىقى چوڭ بولسا شۇنى سېتىۋالىدىغان ئىشنى قىلماڭ. ئۆز ئىقتىسادىڭىزنى، ئۆز ئىھتىياجىڭىزنى ئويلىشىڭ. بەزى كەسىپداشلار ئادەتتىكى ئاپپارات بىلەن سىز 5D ئاپپاراتلارنى ئىشلىتىپ تارتالمىغان سۈرەتلەرنى تارتالايدۇ. سىز كەسپىي سۈرەتچىلىك چىرىقى بىلەن چىقىرالمىغان چىراق ئۈنۈمىنى بىرۋاراق ئاق قەغەزنى ئىشلىتىپلا چىقىرىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە ئاپپارات ياكى چىراغدا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ شۇنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلنالىشىڭىزدا، ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام Canon 600D ئاپپاراتنى 18-55 مىللىمىتىرلىق كۆز بىلەن ئىشلىتىۋاتقىلى 7~8 يىل بولدى. ئىشلىتىۋاتقان چىراقلىرىمنىڭمۇ ئالدىغا 10 يىل كەينىگە 8 يىل بولدى. ئاساسەن كەسپىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە ئالماشتۇرمىدىم. مىنىڭ تەۋسىيەم سىز ئاۋۋال قولىڭىزدىكى ئۈسكۈنىنى تولۇق چۈشىنىپ شۇنىڭ ئىقتىدارى سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن چىقالىدىمۇ ياقمۇ؟ ئويلىشىڭ. ئەگەر راستىنلا ھاجىتىڭىزدىن چىقالمىغان بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىزنى ۋە ئۈسكۈنىگە بولغان تونۇشىڭىزنى ئويلىشىپ ئاندىن يۇقىرىراق نەشىردىكىلىرىنى سېتىۋېلىڭ. 1200D ئاپپاراتنىمۇ تەڭشىيەلمەي تۇرۇپ 5D ئاپپارات سېتىۋالسىڭىز بۇ بىر ئەخماقلىق بولىدۇ خالاس.


كۆپ كۆرۈڭ ۋە دوراڭ

بۇ كەسىپتە پەقەت ئۈسكۈنىلەرنى چۈشىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. يەنە سۈرەتچىلىك ھەققىدىكى نەزەرىيەلەرنى ۋە باشقىلارنىڭ ياخشى چىققان ئەسەرلىرىنى كۆپ كۆرۈپ بىرىش كېرەك. ھەمدە شۇ ئەسەرلەردىكى قىياپەت، چىراق، كۆرۈش نوقتىسى، شەكىل قۇرۇلمىسى ۋە رەڭ ئۇسلۇبلىرىنى دوراپ بىرىش كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئاستا-ئاستا قىياپەت، چىراق رەڭ تۇيغۇلىرى شەكىللىنىدۇ. قانداق تارتىشنى بىلەلمەي تەمتىرەيدىغان ئىش بولمايدۇ. بۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى ئىلگىرى تېپىش تەس بولۇشى مومكىن ئەمما ھازىر بەك ئوڭاي، تورغا چىقىپلا ئاختۇرسىڭىز نۇرغۇن كەسپىي توربەتلەر بار. شۇلاردىن ناھايىتى ياخشى تارتىلغان سۈرەتلەرنى تاپالايسىز.






مۇستەقىل كۆز قارىشىڭىز بولسۇن.

ئەگەر ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنىلەرنى ئاز-تولا چۈشەنگەن بولسىڭىز باشقا جەھەتلەردە باشقىلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماڭ. ئاددىي بىر مىسال، دىيارىمىزدىكى كۆپ قىسىم كەسىپداشلار سۈرەتكە تارتىشتا كەڭ بۇلۇڭلۇق كۆزنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنىڭدىكى بىر ئامىل باھا مەسىلىسى بولسا يەنە بىر سەۋەپ باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش خالاس. ئادەم سۈرىتى تارتىشتا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغىنىنى توردىن ئاختۇرسام 50 مىللىمىتىر ۋە 85 مىللىمىتىرلىق كۆزنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. ئەمما مىنىڭ كۆز قارىشىم ئوخشىمايدۇ. مەن ئوتتۇرا ئارلىق ۋە ئوتتۇرا ئۇزۇن ئارلىق كۆزنى تەۋسىيە قىلىمەن. پەقەت دۇكىنىڭىزنىڭ شارائىتى يار بەرسىلا ئوتتۇرا ئارلىق ياكى ئوتتۇرا ئۇزۇن ئارلىق كۆزنى ئىشلىتىڭ. تويلۇق سۈرەتكە 24-70 ياكى 24-105 كۆز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، سىرتتا سۈرەتكە تارتىدىغان، ئېلان سۈرىتى تارتىدىغان ئىشلاردا شارائىتىم يار بەرسىلا مەن 70-200 كۆز ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆرىمەن. بۇ مىنىڭ قارىشىم، چۈنكى مەن پۈتۈن بەدەن سۈرەتتىن يېرىم بەدەن سۈرەتنى ياكى يۈز قىسمى ئاساس قىلىنغان سۈرەتنى ياقتۇرىمەن. شۇڭا سىزمۇ بۇ جەھەتتە باشقىلارنىڭ گىپىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەڭ، ( مىنى تەۋسىيە قىلدى دەپ 70-200 كۆزگىمۇ ئېسىلىۋالماڭ)، مەيلى چىراق ئورۇنلاشتۇرۇش، قىياپەت تۇرغۇزۇش، كۆرۈش نوقتىسى تاللاش ياكى ئاپپارات تاللاشتا ھامان ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى بولسۇن.











تەپەككۇرىڭىزنى ئەركىن قويۇۋىتىڭ

فوتوگىرافلىق سەنئەتنىڭ بىر تۈرى بولغان ئىكەن بۇنىڭدىمۇ سەنئەتكە ئوخشاشلا ئەركىن تەسەۋۋۇر ئەڭ موھىم. ئۆزىڭىز خالىغانچە تەسەۋۋۇر قىلىڭ، قېلىپقا كىرىۋالماڭ. ئۆزىڭىز قانداقلا ئويلىغان بولسىڭىز شۇنى بىر قىلىپ باقماي بولدى قىلماڭ. جابدۇقلاردىن خالىغانچە پايدىلنىڭ، ھەرخىل ئۆزگىچە قىياپەتلەردە تۇرغۇزۇڭ، رەڭلەرنى خالىغانچە تەڭشەڭ، ئۈنۈملەرنى خالىغانچە بىرىڭ. سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكىلى تۇرسا ئۆزىڭىز ھىس قىلالايسىز. بەزىدە گاس بولۇۋېلىڭ. ئەتراپىمىزدا باشقىلارنىڭ قىلغىنىنى ياراتماي قۇسۇر ئىزدەيدىغان، ئەمما ئۆزى قىلالمايدىغان كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن بەزى مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن سۈرەتلەر، بەزى تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان سۈرەتلەرنى كۆرسە قۇسۇر ئىزدەپ غوتۇلداپ قويىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتقۇچىنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ يېڭىدىن كەسىپكە كىرىشىۋاتقان، تۈنجى قېتىم ئۆز تەسەۋۋۇرى بويىچە سۈرەتكە تارتقان كەسىپداشلارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىنى بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇپ، ئىككىنجى ئۇنداق تەسەۋۋۇر قىلالماس بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا گاس بولۇۋېلىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ئەمما ئەڭ مۇھىم بىر نوقتا شۇكى سىز ئاۋۋال ئۈسكۈنە جابدۇقلىرىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىز ھازىرقى تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى سۈرەتنى قانداق تارتىپ ئىپادىلەپ چىقىرىشنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمىسىڭىز مىڭ تەسەۋۋۇر قىلسىڭىزمۇ بىكار.











كەسىپداشلار بىلەن كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇڭ

باشقا جايلاردىكى كەسىپداشلارنى بەك بىلىپ كەتمەيمەن، ئەمما دىيارىمىزدا كەسىپداشلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش بىر قەدەر كامچىل. پىكىر ئالماشتۇرۇلدى دىيىلسىمۇ پەقەت يارىدەم سوراشلا بار. بىلىدىغىنىمىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمايمىز. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىزدىن ئېشىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيمىز. ئاددىيسى بىرسى ئاپپارات ياكى چىراقنى تەڭشىيەلمەي بىر كەسىپدىشىنى يارىدەمگە چاقىرسا كىلىپ تەڭشەپ بىرىدۇيۇ لىكىن قانداق تەڭشەشنى سورىسا كۈلۈپ قويۇپلا دەپ بەرمەيدۇ. Photoshop تىن بىرەر مەسىلىنى سورىسا قىلىپ بىرىدۇ لىكىن مەشخۇلاتىنى سورىغۇچىغا كۆرسەتمەيدۇ. بۇ بىزدىكى ئەڭ خاتا قاراش. ئەڭ ئاددىيسى ئەگەر سىز بىلىدىغىنىڭىزنى بىر كەسىپدىشىڭىزغا دەپ بەرسىڭىز بەلكىم ئۇمۇ سىز بىلمەيدىغان تېخنىكىدىن بىرنى سىزگە ئۆگىتىپ قويۇشى مومكىن. ئۇنداق بولغاندا ھەر ئىككىلىڭلارنىڭ بىلىدىغىنى كۆپىيىدۇ. ھەم ئۇ بىر تېخنىكىنى دەپ بەرگەنگە سىزنىڭ خېرىدارىڭىزنى تارتىۋالالمايدۇ، ياكى سىزگە كېيىن ھاجىتى چۈشمەيدىغان ئىش بولمايدۇ. بەلكىن تېخىمۇ كۆپرەك ئىزدىشىپ ئۆتۈشۈڭلار مومكىن. ئەڭ موھىمۇ كەسىپداشلار كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى كۆزقاراشلىرى ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ بىرىشى چۈشەنچىسىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.

ئۆز ئەسىرىڭىزدىن زوق ئېلىشنى بىلىڭ

بىر قىسىم كەسىپداشلار پەقەت خېرىدارنى رازى قىلىش ئۈچۈنلا سۈرەتكە تارتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھاردۇقى خېرىداردىن ئالغان پۇل بىلەن چىقىدۇ. سىزنىڭ ئۇنداقلارنىڭ قاتارىدىن بولماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. چۈنكى ئۆز ئەسىرىدىن زوق ئالالمىغان كەسىپ ئىگىسى ياكى ھۆنەرۋەن ئېنىقلا كەسىپتە مەغلۇپ بولىدۇ. يەنە كىلىپ سەنئەتكار ئادەتتە سەنئەت ئەسىرىنى باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزى زوق ئېلىش ئۈچۈن، ئۆز تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ چىقىرىش ئۈچۈن يارىتىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەسىرى ئۆزىڭىزگە زوق بىرەلمىسە باشقىلارنى زوقلاندۇرۇشىدىن ئۈمۈد كۈتمەڭ. دېمەك ئەڭ ئاۋال ئەسىرىڭىزدىن ئۆزىڭىز زوق ئېلىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ياخشى سۈرەت تارتالايسىز.

يۇقارقى باسقۇچلارنىڭ مۇقىم باشتىن كەچۈرۈش تەرتىپى يوق، ئاۋۋال بىرنى ئۆگىنىپ بولۇپ ئاندىن يەنە بىرنى ئۆگىنىمەن دىمەي مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەممىنى تەڭ ئېلىپ مېڭىڭ، چۈنكى ئۇلار بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇكى ھەرگىز يەكلىمەيدۇ.
ئەڭ موھىمى سىز بىر فوتوگىراف بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئاۋۋال ئۆز كەسپىڭىزنى چۈشىنىڭ، ئۆز كەسپىڭىزنى سۆيۈڭ، ئۆز كەسپىڭىزنى قەدىرلەڭ ۋە ھۆرمەتلەڭ. ئەگەر بۇلارنى قىلالمىسىڭىز بۇ كەسىپنى ئۆگىنىش ۋە قىلىشتىن سۆز ئاچماڭ.

يۇقارقى يازمىنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى، شۇڭا ئۇستازلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ياكى باشقىچە كۆز قاراشلىرى بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ.


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەرگە يوللانغان ھەربىر مەزمۇن پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەربىر مۇنبەر ئەزاسى ئۆزى يوللىغان مەزمۇنغا قارىتا ئۆزى مەسئۇل بۇلىدۇ. ئىناق، ساغلام بولغان تور مۇھىتى بەرپا قىلىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار. مۇنبەرگە ئۇلانما ئادرىسى بار ھەر قانداق تىما، ئېنكاس يوللاش بىردەك چەكلىنىدۇ، مۇبادا شۇنداق ئەزالار بايقىلىپ قالسا بىردەك مۇنبەر قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزىلىدۇ!

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|工匠网 ( 新ICP备15002090号-3

GMT+8, 2018-8-16 23:31 , Processed in 0.052455 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش