工匠网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

手机号码,快捷登录

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 292|ئىنكاس: 0

[ئەمەلى تەجرىبە] مىڭ كىشلىك ئوپچە سۈرەتنى مۇنداق تارتىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

27

يازما

198

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
198
مىڭ كىشلىك ئوپچە سۈرەتنى مۇنداق تارتىمىز





سىز ئوپچە سۈرەتكە تارتىپ باققانمۇ؟ ئوپچە سۈرەت تارتىشتا قىينىلامسىز؟ ئازراق ھودۇقامسىز؟  تۆۋەندىكى مەزمۇننى كۆرگەندىن كېيىن بۇقىيىنچىلىقلىرىڭىز تامام ھەل بولۇپ كەتكۈسى.
ئەمەلىيەتتە ئوپچە سۈرەتكە تارتىشمۇ ئۇنچە قىيىن مەسىلە ئەمەس. پەقەت ئازراق تەجرىبە ۋە تېخنىكىلا كېتىدۇ خالاس. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتىمەن. بۇلار پەقەت مىنىڭ تەجرىبە يەكۈنۈم. شۇڭا ئۇستازلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرى بولسا قوبۇل قىلىمەن. ئاۋۋال ئادەتتىكى 40-50كىشلىك ئوپچە سۈرەتنى تارتقاندا دىققەت قىلىدىغان نوقتىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي،مىڭ كىشلىك ئوپچە سۈرەتكە تارتىش مەسىلىسى ھەققىدە تېمىنىڭ ئاخىرىدا توختىلىمەن.ئادەتتىكى ئوپچە سۈرەتكەتارتقاندا دىققەت قىلىدىغان نوقتىلار تۆۋەندىكىدەك.

1.ئورۇن تاللاش


ئوپچە سۈرەتكە ئورۇن تاللىغاندا بىرقانچە نوقتىدىن ئويلىشىمىز.             يەنى يورۇقلۇق، كەينى مەنزىرە ۋە بوشلۇق.

يورۇقلۇق مەسىلىسىدە ئامال بار ئادەم يۈزىگە كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشمەيدىغان ئورۇننى تاللاڭ، ھاۋا بۇلۇتلۇق كۈن بولۇپ قالسا تەلىيىڭىزنىڭ كەلگىنى شۇ. ئەڭ ياخشى يورۇقلۇققا سەھەردە ئېرىشەلەيسىز. چۈنكى بۇۋاقىتتا يورۇقلۇقنىڭ كۈچىنىشلىكى بەك يۇقىرى بولمايدۇ. شۇنداقلا نۇرنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسىمۇ بەك يۇقىرى بولمايدۇ. بىراق بۇ ۋااقىتقا سۈرەتكە چۈشكۈچىلەرنىڭ ۋاقتى ئۇدۇل كىلىشى ناتايىن. ئادەم يۈزىگە كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشۈپ قالسا سۈرەتكە چۈشكۈچىلەر كۆزىنى تولۇق ئاچالماي سۈرەتنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يىتىدۇ. كۈن نۇرى ياندىن ئۇرسا يۈز قىسمىنىڭ بىر تەرىپى ئاق، بىر تەرىپى قارا چىقىپ قېلىشى مومكىن. شۇڭا قۇياش نۇرىغا قارشى يۆنىلىشتە تۇرۇپ تارتىشقا تەۋەككۈل قىلىپ بېقىڭ، ئەمما ئاپپارات كۆزىگە قۇياش نۇرىنىڭ بىۋاستە چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ. بولمىسا پۈتۈن سۈرەتنى بۇزىسىز. (مەلۇم جىسىم بىلەن ئاپپاراتقا سايە چۈشۈرۈپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.)

كەينى مەنزىرىگە كەلسەك بۇ جەھەتتە بەزىدە ئېغىر تاللاشقا دۇچ كىلىسىز. يەنى ياخشى مەنزىرە تاللاپ سۈرەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ياكى خېرىدارنىڭ تەلىپى بويىچە كۆرسىتىلگەن ئارقامەنزىرە ئالدىدا تارتىش. چۈنكى بىر قىسىم خېرىدارلار شۇ ئورۇن ياكى ئورگاننىڭ بىرەر ۋەكىل خاراكتىرلىك قۇرۇلۇشىنى ئارقا تەگلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تەلىپىمۇ ئورۇنسىز ئەمەس. شۇنداقتىمۇ تەجرىبىسى كەمرەك كەسىپداشلار بۇ خىل شارائىت ئاستىدا سەل گاڭگىراپ قالىدۇ. بىراق تەجرىبىلىك فوتوگىرافلار بۇنىمۇ ھەل قىلىپ كىتەلەيدۇ. ئەمدى بوشلۇق مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان بوشلۇق باشقا بوشلۇق بولماستىن بەلكى سۈرەتكە چۈشكۈچىلەر بىلەن ئاپپارات ئارىسىدىكى ئارلىقنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئەگەر سۈرەتكە چۈشكۈچىلەر بىلەن ئاپپارات ئارىسىدا يىتەرلىك ئارلىق بولمىسا سىز سۈرەتكە چۈشىدىغانلارنى بىر پارچە سۈرەتكە پاتقۇزۇش ئۈچۈن كەڭ بۇلۇڭلۇق ئاپپارات كۆزىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىسىز. ئەمما كەڭ بۇلۇڭلۇق ئاپپارات كۆزى ئوپچە سۈرەت تارتىشقا قەتئىي ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا تارتىلغان سۈرەت پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولىدۇ. شۇنداق بولغانكەن سىز بۇ يەردە يىتەرلىك ئارلىققا ئىھتىياجلىق بولىسىز. بۇنى چوقۇم ئويلاشمىسىڭىز بولمايدۇ.

2.ئورۇنلاشتۇرۇش

بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ئورۇنلاشتۇرۇش سۈرەتكە چۈشكۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.  بۇ پەقەت ئادەتتىكىدەك تىزىپ قويۇشلا بولماستىن بەلكى سۈرەتنىڭ ئىھتىياجىغا ۋە سۈرەتكە چۈشكۈچىلەرنىڭ بوي – تۇرقىغا  ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئەگەر بېسىپ چىقىرىلىدىغان سۈرەتنىڭ ئۇزۇنلۇق – كەڭلىك ئۆلچەم نىسپىتى بىلەن سۈرەتكە چۈشكۈچىلەرنىڭ قاتار سانى، ھەر قاتاردىكى ئادەم سانى ۋە ھەر قاتارنىڭ ئارلىقلىرى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا سۈرەتنى بېسىپ چىقارغاندا سۈرەتنىڭ   ئىككى تەرەپتىن چوڭ بوشلۇق قالىدىغان ياكى ئاستى-ئۈستىدىن چوڭ بوشلۇق قالىدىغان خاتالىقلار يۈز بىرىشى مومكىن.

سۈرەتكە چۈشكۈچىلەرنىڭ بوي تۇرقى مەسىلىسىگە كەلسەك ئادەتتە بويى پاكارراق كىشىلەرنى ئالدى رەتكە ئېگىزلەرنى كەينى رەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەممىمىز بىلىمىز. يەنە ھەربىر قاتاردىكى ئەڭ ئىگىزىنى ئوتتۇرىغا قالغانلارنى بويسىرى ئىككى چەتكە تۇرغۇزۇشنىمۇ بىلىمىز. يەنە شۇنداق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەر نۇرغۇن. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئولتۇرسام گەپ ئاۋۇپ كىتىدۇ. بىراق ئەڭ موھىم ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك مەسىلە شۇكى ئەگەر پەشتاقتا تۇرغۇزۇپ تارتقان بولسىڭىز ھەر ئىككى قاتارنىڭ ئارىسىدا بىرپەشتاق بوش قالسۇن. بۇمۇ ئىنتايىن موھىم مەسىلە. شۇنداق تۇرغۇزغاندىلاھەممەيلەننىڭ چىرايىنىڭ تولۇق كۆرۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئاپپارات تەڭشەش

مىنىڭچە كۆپ قىسمىڭلار بەلكىم مۇشۇ بۆلەككە ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتىسلەر. ئوپچە سۈرەتكە تارتقاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە نوقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتەي قالغىنىنى ئەمەلىي شارائىتقا ئاساسەن ئۆزۈڭلار تەڭشەپ پايدىلنىڭلار.

ئەڭ ئاۋۋال ئاپپاراتنى چوقۇم ئۈچ پۇتلۇق تېرەككە مۇقۇملاشتۇرۇپ تارتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئاندىن ئاپپاراتنىڭ يورۇقلۇق سېزىمچانلىقىنى (ISO) چوقۇم ئەڭ تۆۋەن چەككە تەڭشەپ ئاندىن تارتىمىز.

يەنە بىر مۇھىم نوقتا بولسا نۇر چەمبىرەكنى كىچىكرەك ئېچىڭ (يەنى قىممىتىنى يۇقىرىراق تەڭشەڭ). چۈنكى نۇر چەمبىرەك چوڭ ئېچىلغاندا فوكۇسلانغان جىسىمنىڭ ئالدى-كەينىدىكى جىسىملار غۇۋالىشىدۇ. شۇنداق بولغاندا فوكۇس توغىرلانغان قاتارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى قاتاردىكى كىشىلەرنىڭ چىرايى غۇۋا چىقىپ قېلىشى مومكىن. ئاپپاراتنى قايسى خوتتا قويۇپ تارتىشقا كەلسەك ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى، ئەمما ئاپتوماتىك خوتتا تارتماڭ. قول خوت ياكى يېرىم ئاپتۇماتىك خوتلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. مىڭ كىشلىك ئوپچە سۈرەتنى قانداق تارتىمىز؟ بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى دەل مىڭ ئادەمنى بىر تۇرغۇزۇپ ئوپچەسۈرەتكە تارتىش ئەمەس ئەلۋەتتە.

بەلكىم 200~300 ئادەم ياكى 2000~3000 ئادەم بولۇپ قېلىشىمۇ مومكىن. ئەمما بۇنداق سۈرەتكە تارتىدىغان ئىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. شۇنداقتىمۇ كەسىپداشلار بىلەن بىلگەنلىرىم ھەققىدە ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم. تۆۋەندە بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىمەن. بۇنداق ئوپچە سۈرەتلەرنى تارتىشتا ئىلگىرى مەخسۇس پىلىيۇنكىلىق ئاپپاراتلار بار ئىدى. ھازىر بىر دانەرەقەملىك ئاپپارات ۋە Photoshop بولسىلا يىتەرلىك. ھەتتاكى كۆپ قىسىم يان تېلېفۇنلاردىمۇ بۇئىقتىدار ھازىرلانغان. ئەمما يەنىلا كەسپىي ئاپپارات ئەڭ ياخشى تاللاش. ئەلۋەتتەبۇ يەردە بۇخىل سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن.

  بۇخىل سۈرەتنى تارتىشتىكى ئورۇن تاللاش مەسىلىسىدە يەنە قايتا توختالمايمەن. پەقەت ئازراق مەزمۇن قىستۇرۇپ ئۆتىمەن. بۇنداق كۆپ كىشلىك سۈرەتنى تارتقاندا ئەڭ موھىم نوقتىلاردىن بىرى ئورۇن تاللاش. تاللانغان ئورۇن ئەڭ مۇھىمى تەكشى ھەم كەڭرى بولۇشى كېرەك. تۆۋەندىكى سۈرەتتىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ۋە بۇنداق كۆپ ئادەم بار سۈرەتنى قانداق تارتىشنى كۆرۈپ يىتەلەيسىلەر.   



ئادەتتە بۇنداق سۈرەتنى تارتقاندا سىز ئاپپاراتنى چوقۇم بىر نوقتىغا مۇقۇملاشتۇرىشىڭىز كېرەك، بۇ بىرىنجى مۇھىم نوقتا. ئىككىنجى مۇھىم نوقتا بولسا ئاپپارات مۇقۇملاشقان ئورۇننى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ بىر بۆلەك ياي سىزىۋالىسىز. بۇ ياينىڭ يېرىم چەمبەر ياكى تولۇق چەمبەربولۇشى شەرت ئەمەس، پەقەت سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغانلارنىڭ سانى ۋە بېسىپ چىقىرىلىدىغان سۈرەتنىڭ ئۇزۇنلۇق-كەڭلىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن سىزىۋالسىڭىز بولىدۇ. ياينىڭ رادىئۇسىغا كەلسەك سىز ئىشلەتكەن ئاپپارات كۆزىنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭىغا ۋەئومومىي ئادەم سانىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ياينى سىزىپ بولغاندىن كېيىن سۈرەتكە چۈشىدىغانلارنى شۇ ياي بويىچە يايىسىمان ھالەتتە تىزىڭ. سۈرەتكە تارتىش مەسىلىسىدە سىز ئاپپاراتنى ئايلاندۇرۇپ تارتىسىز، خۇددى يۇقارقى سۈرەتتىكىدەك. ئايلاندۇرۇپ تارتقاندىمۇ بىر بۆلەك-بىر بۆلەكتىن تارتىسىز. تارتىلغان بىرىنجى بۆلەك بىلەن ئىككىنجى بۆلەك ئارىسىدا مەلۇم ئورتاق رايون بولىشى كېرەك. مەسىلەن؛ بىرىنجى قېتىمدا ئالدىنقى رەتتىكى يەتتە ئادەمنى تارتقان بولسىڭىز كېيىنكى قېتىملىق سۈرەتتە يەنە شۇ يەتتە ئادەمنىڭ ئاخىرقى ئىككىسى بولۇشى كېرەك.



يۇقارقى سۈرەتتىكى ھەربىر رەڭلىك سېكتور ئارىسىدىكى بۆلەك بىر قېتىملىق تارتىش دائىرىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ تەرتىپ بويىچە تارتىپ بولغاندىن كېيىن Photoshop قا ئەكىرىپ بىرلا بۇيرۇق بىلەن بىرىكتۈرۈپ تەھرىرلەپ چىقالايسىز.  مىڭ كىشلىك ئوپچە سۈرەت تارتىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىلار تۆۋەندىكىدەك. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوپچە سۈرەتنىڭ ھەرقاندىقىغا ئورتاق شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ سەل قارىماي تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىنى سورايمەن.


ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش

ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرغاندا قۇياش نۇرىنى بەك ئويلىشىڭ، توردا بەزى ماتېرياللاردا چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 كىچە بولغان ۋاقىتنى تەۋسىيە قىلغان. ئەمما مەن ئۇ ۋاقىتنى تەۋسىيە قىلمايمەن. بەلكىم مىنىڭ خاتا بولۇشى مومكىن، لىكىن مەن سەھەردە تارتىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان. شۇڭا بېشىمدىن ئۆتكۈزگىنىمنى، ئۆزۈم يەكۈنلىگەن تەجرىبەمنى سۆزلىدىم. قالغىنىغا ئۇستازلارنىڭ باشقىچە قارىشى بولسا ئۇنىمۇ ھۆرمەت قىلىمەن. چۈنكى ئۇلارمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگىنىنى سۆلەيدۇ ئەلۋەتتە. ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر ئامىل بولسا ئادەتتە بۇنداق كۆپ كىشلىك ئوپچە سۈرەتنى تارتىشقا خىلى كۆپ ۋاقىت كىتىدۇ. بەلكىم ئىككى سائەت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق كىتىشىمۇ مومكىن، شۇڭا سۈرەتكە چۈشكۈچىلەر ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقىتىنى ياخشى ئويلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ، بولمىسا سىزدىنمۇ بەكرەك خېرىدار سىزنى ئالدىرىتىپ جىددىيلەشتۈرۈپ  قويىدۇ.  


ئاپپارات كۆزى تاللاش

ئاپپارات تاللاشتا ئەلۋەتتە يۇقىرى دەرىجىدىكى كەسپىي ئاپپاراتلار ئەڭ ياخشى، ئۇنى تاپالمىغاندا تۆۋەنرەكى بولسىمۇ بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما چوقۇم كەسپىي ئاپپارات ئىشلىتىڭ. ئاپپارات كۆزى مەسىلىسىدە ئەڭ خەتەرلىكى كەڭ بۇلۇڭلۇق كۆز، چۈنكى كەڭ بۇلۇڭلۇق كۆزنى ئىشلەتكەندە سۈرەتتە شەكىل ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ، سۈرەتنى بۇزىدۇ. شۇڭا ئۆلچەملىك كۆز مۇۋاپىق، ئادەتتە 50 مىللىمىتىرلىق كۆز تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر ياخشى تارتالىسىڭىز ئوتتۇرا ئارلىق كۆزى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مومكىن يەنى 50مىللىمىتىردىن چوڭ بولغانسىرى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مومكىن. نەزەرىيە جەھەتتىن چوقۇم شۇنداق بولىدۇ. بىراق مەن بۇ خىل كۆزدە ئۇنداق كۆپ ئادەمنى تارتىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن چوقۇم شۇ ياخشى دەپ جەزىملەشتۈرۈلمەيمەن. بەلكىم فوكۇس ئارلىقى يىراقلىغانچە تەۋرىنىشكە بولغان سەزگۈرلۈكى يۇقىرىلاپ بارغانلىقى ئۈچۈن ئۆلچەملىك كۆز مۇۋاپىق دىيىلسە كېرەك.

تىزلىك، نۇر چەمبىرەك ۋە يورۇقلۇق سېزىمچانلىقى

بۇ ھەقتە باشتا توختىلىپ بولغان شۇڭا كۆپ توختالمايمەن ئەمما ئەسكەرتىپ قويۇشقا تىگىشلىكى شۇكى ئادەم سانى كۆپ بولغانسىرى نۇر چەمبىرەكنىڭ قىممىتىنى چوڭايتىڭ. ئەمما تىزلىك 30/1 سىكونتتىن تۆۋەن بولۇپ قالمىسۇن.

ئاپپاراتنى مۇقۇملاشتۇرۇش ۋە تەۋرىنىشتىن ساقلىنىش

ئادەتتە ئوپچە سۈرەتتە چوقۇم ئاپپاراتنى ئۈچ پۇتلۇق تېرەككە مۇقۇملاشتۇرىمىز، بۇنى دەپ ئۆتكەن. ئەمما نۇرچەمبىرەكنىڭ قىممىتىنى چوڭايتقانسىرى تىزلىكنى تۆۋەنلىتىشكە توغرا كىلىدۇ. تىزلىك بەكرەك تۆۋەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا تىزلىك تەپكىسىنى قولىمىزدا باسساق تىزلىك تەپكىسىنى بېسىشتىن پەيدا بولغان تەۋرىنىشمۇ سۈرەت سۈپىتىگە چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئىمكان بار تىزلىك تەپكىسىنى تىزگىنەك بىلەن باشقۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بولمىغاندا تىزلىك تەپكە سىمى بولسىمۇ بولىدۇ.

يورۇقلۇق تاللاش

يورۇقلۇق تاللاشتا ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمدەك ھاۋا بۇلۇتلۇق كۈنلەردىكى يورۇقلۇق ئەڭ ياخشى يۇمشاق نۇر، ئەڭ خەتەرلىكى دەرەخ سايىسى، دەرەخ سايىسىدا سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز بىر توپ ئاق كىسەل كىشىلەرنىڭ سۈرىتىگە ئېرىشىسىز.

فوكۇس نوقتىسى

فوكۇس نوقتىسىنى سۈرەتكە چۈشكۈچىلەر ئەگەرئۈچ قاتار بولسا ئوتتۇردىكى قاتارنىڭ ئەڭ ئوتتۇرىدىكى كىشىگە، 5 قاتار بولسا ئىككىنجى قاتارنىڭ ئوتتۇرىدىكى كىشىگە توغىرلاڭ. قالغىنىغا ئۆزىڭىزنىڭ تېخنىكا ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىڭ.

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەرگە يوللانغان ھەربىر مەزمۇن پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەربىر مۇنبەر ئەزاسى ئۆزى يوللىغان مەزمۇنغا قارىتا ئۆزى مەسئۇل بۇلىدۇ. ئىناق، ساغلام بولغان تور مۇھىتى بەرپا قىلىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار. مۇنبەرگە ئۇلانما ئادرىسى بار ھەر قانداق تىما، ئېنكاس يوللاش بىردەك چەكلىنىدۇ، مۇبادا شۇنداق ئەزالار بايقىلىپ قالسا بىردەك مۇنبەر قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزىلىدۇ!

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|工匠网 ( 新ICP备15002090号-3

GMT+8, 2018-8-16 23:31 , Processed in 0.052638 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش