ئەندىزە مۇنبىرى

ئىزدەش
كۆرۈش: 291|ئىنكاس: 5

مۇنبەر مەسئۇلىغا ئوچۇق تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

9

يازما

72

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
72
ئارتۇق تەكەللۇپنى قويۇپ گەپنى ئۇدۇللا باشلاۋەردىم.
مۇنبەرنىڭ بۇ قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرلۇشىدىن بەك مەمنۇن بولدۇم. ھەم شۇ مەمنۇنلۇقۇمدا بۇندىن كىيىنكى مۇنبەر مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزىۋەتتىم. ( پېلاننى ئاز تۈزۈپ پەقەت ئەمەلىيلەشتۈرمىگەندىن، كۆپرەك تۈزۈپ ئاز بىرقىسمىنى بولسىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرگەننى ئەۋزەلرەك ھېسابلىدىم.) ھەم ئامال بار تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېرىشىمەن. ئەمدى ئاساسىي گەپكە كەلسەم، مۇنبەر مەسئۇلى ماڭا ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ مۇنبەرنىڭ سۈرەتچىلىك توغرىسىدىكى بەتلىرىگە تەكلىپ بىرىشىمنى ئېيتىپتۇ. بۇنىڭدىن مەن ناھايىتى خوش بولدۇم، ھەم ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان خەنزۇچە  Photoshop تېخنىكا تور بىتى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىم ئاساسىدا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويماقچى، بۇ پەقەتلا بىر تەكلىپ. ئۆتۈنۈش ياكى بۇيرۇق ئەمەس. شۇڭا باشقا مۇنبەرداشلارنىڭمۇ مۇنبەرنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇنبەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-نېزاملىرىغا بويسۇنغان ئاساستا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مەزكۇر تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىنى سورايمەن.


1. مۇنبەرنىڭ پەقەت فىلىم-سۈرەتچىلىك بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن. چۈنكى ئىلگىركى ئەندىزە مۇنبىرى گىرافىك سەنئىتىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.  شۇڭا مۇنبەرگە تەكشىلىك لايىھەسى، بوشلۇق لايىھەسى، فىلىمچىلىك ۋە ئۈسكۈنىلەرگە ئايرىم چوڭ سەھىپىلەرنى ئاجرىتىش تەكلىپىنى بېرىمەن.
2. تەكشىلىك لايىھەسى پەقەت سۈرەتچىلىك بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئۇ يەنە ئېلانچىلىق، UI لايىھەسى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە چېتىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئېلانچىلىقنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تۈرى تېخىمۇ كۆپ، ھەم بىلىشىمچە كونا مۇنبەردە  PS  بىلەن ھەپىلىشىدىغان سۈرەتچىلەردىن ئېلانچىلار ۋە ئىككىسىنى تەڭ ئېلىپ مېڭىۋاتقانلار كۆپ ئىدى. شۇڭا تەكشىلىك لايىھەسىگە Photoshop, illustrator, coreldraw قاتارلىق دېتاللارنى قوشۇپ قويۇش تەكلىپىنى بېرىمەن. PS بىلەن AI غا مەن ئاز-تولا كۈچ چىقىرالايمەن. ( يېقىندىن بىرى AI نى دەسلەپكى سەۋىيەدىن باشلاپ ئۆگىنىۋاتىمەن). coreldraw كەلسەك مۇنبەرداشلاردىن بىلىدىغانلار بولسا قولىدىن كېلىشچە كۈچ چىقارسا بولمىسا كېيىنچە ئىھتىياج چۈشكەندە قوشساق، ئۇنىڭغىچە قوشماي تۇرساقمۇ بولىدۇ.
3. بىزنىڭ قۇراللىرىمىز دېگەن سەھىپىنى مىنىڭچە ئەمەلىي ماھارەتلەر دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتاپ، ئۇنىڭغا فىلىمچىلىك، فوتوگىرافىيە، ئېلانچىلىق دېگەن تارماق سەھىپىلەرنى قوشۇپ، ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى تېمىلار يوللانسا. مەسىلەن فوتوگىرافىيەنى مەن ھازىرچە يەنە مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىپ باقتىم.

فوتو-ئاپرات، يورۇقلۇق، قىياپەت،


بۇلاردىن فوتو-ئاپارات سەھىپىسىگە ئىلگىركىدەك فوتو-ئاپاراتنىڭ ھەرخىل تېخنىكىلىق تەرەپ ۋە ئىقتىدارلىرى، تەڭشەش ئۇسۇللىرى يوللىنىدۇ.

يورۇقلۇق سەھىپىسىگە ئۆي ئىچى ۋە سىرتقى مۇھىتتا چىراق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يورۇقلۇق ماسلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تېمىلار يوللىنىدۇ.

قىياپەت سەھىپىسىگە سۈرەتكە تارتقاندا مودىللارنى قانداق تۇرغۇزۇش ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى بىلىملەر ۋە ئۆرنەك سۈرەتلەر يوللىنىدۇ.


ئېلانچىلىق ۋە فىلىمچىلىكتىمۇ نۇرغۇن نازۇك تېخنىكىلار بار.  شۇ تېخنىكىلارنىمۇ بىلىدىغانلار ئايىماي ئوتتۇرىغا قويسا.

مەسىلەن:  ئارلىقتا بىرسى مەندىن خەت ئويۇش ماشىنىسىدىن پايدىلنىپ تەشەككۈرنامىنى قانداق ياساشنى ئۆگىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسىم يېڭىدىن يىتىلىۋاتقان ياشلىرىمىز  پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ داۋاملىق يول كۆرسىتىشىگە موھتاج.


4. PS  سەھىپىسى ھەققىدە مۇنداق بىرقانچە تارماق سەھىپىلەرنى ئويلاشتىم.

1) PS سىزما:- تەييار خام ماتېريالدىن پايدىلانماي سىزىلغان لايىھەلەر
         (1) سىنبەلگە:- تېلېفۇن ۋە كومپيۇتېرنىڭ ئۈستەل يۈزى سىنبەلگىلىرىنى سىزىش ئۇسۇللىرى
         (2) كونۇپكا:- ھەرخىل كونۇپكىلارنى سىزىش ئۇسۇللىرى
         (3) جىسىم سىزىش:- ھەرخىل جىسىم ۋە ئادەملەرنى سىزىش ئۇسۇللىرى

2) خەت ئۈنۈمى:- خەتكە ھەرخىل ئۆزگىچە ئۈنۈملەرنى بېرىش ۋە تەڭشەش ئۇسۇللىرى

3) سۈرەتچىلىك:- سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەمەلىي ماھارەت ۋە تېخنىكىلار
          (1) ئادەم گۈزەللەشتۈرۈش:- تېرە ئاقارتىش، سىلىقلاش، داغ-سەپكۈن يوقىتىش، كۆز ۋە چىشلارغا ئىش قوشۇش دىگەندەك  چىراي گۈزەللەشتۈرۈشتىكى ھالقىلىق تېخنىلار ھەققىدىكى تېمىلار
          (2) ئالاھىدە ئۈنۈم:- فوتو-سۈرەتنى ماي بوياق، سىدام سىزما دىگەندەك ئۈنۈملەردە چىقىرىش، يىرتىلغان، چېقىلغان ئۈنۈملەرنى بىرىش دىگەندەك تېخنىكىلىق تېمىلار.
          (3) رەڭ تەڭشەش:- سۈرەت رەڭگىنى تەڭشەش، بۇنى دىمىسەممۇ ھەممىڭلار چۈشىنىسلەر.
          (4) سۈرەت ئايرىش:- چاچ كېسىش، رەڭلىك تەگلىكتىن ئايرىش، سۈزۈك جىسىملارنى مۇھىت تەسىرىگە ئۇچراتماي سۈزۈپ ئېلىش دىگەندەك تېخنىكىلار ھەققىدىكى تېمىلار.
          (5) رامكا ياساش:- سۈرەت ئىچىدىكى سۈرەتلەرگە PS تىن پايدىلنىپ ئۆزگىچە رامكىلارنى ياساش.
          (6) باشقىلار:- يۇقارقى بەش تۈرگە تەۋە بولمىغان سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىلىرى.

4) سۈزگۈچ ئۈنۈمى: PS نىڭ  滤镜 ئىقتىدارى ئارقىلىق ھەرخىل ئۈنۈم ۋە شەكىللەرنى چىقىرىش تېخنىكىلىرى.

5) PS  ماھارەت:- يېڭى نەشىرلىرىدە قوشۇلغان ئىقتىدارلار ۋە بىرقىسىم ئالاھىدە قوللىنىشچان تېخنىكىلار

6) PS بىرىكتۈرمە: - بىر قانچە پارچە سۈرەتنى بېرىكتۈرۈپ بىر پارچە سۈرەت ياسايدىغان تېخنىكىلار

7) مەشق ۋە مىسال:- ھەرخىل ئەمەلىي مەشىق ۋە مىساللار
          (1) ھەركەتلىك رەسىم:- PS  تىن پايدىلنىپ ھەركەتچان رەسىم ياساش توغرىسىدىكى تېمىلار
          (2) تەگلىك ياساش:- ھەرخىل ئىشىم كارتىلىرى، ئېلان بەتلىرى، مۇقاۋا  قاتارلىقلارنى ياساش تېخنىكىلىرى.
          (3) باشقىلار:- شۇنىڭغا دائىر باشقا مىساللار

8) ياردەم:- مۇنبەرداشلارنىڭ Photoshop  توغرىسىدا يولۇققان مەسىلىلىرىگە ئەڭ تېز سۈرئەتتە جاۋاپ بېرىلىدۇ. ھەم مۇشۇ سەھىپىگە يوللانغان تېمىلارغا ھەل بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى تېما يازغۇچى ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغان بىر ئىقتىدار قوشۇلسا. بىزنىڭ بەزىبىر مەسئۇلىيەتسىز ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلىرىمىز سۇئاللىرىغا جاۋاپنى ئېلىپ بولۇپلا يوقاپ كەتسە جاۋاپ بەرگۈچىلەر ياردەم سورىغۇچىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرالمايدىكەنمىز.

يۇقارقى تەكلىپنى مەن بىرقانچە سائەت ئىزدىنىپلا يوللىغان بىلەن بۇنىڭغا توربەتنىڭ ئارقا بېتىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ قانچە كۈنلەپ ئولتۇرۇپ ئاندىن مەن دېگەندەك ھالەتكە ئەكىلىدىغىنى ماڭا قاراڭغۇ. ئىشقىلىپ مەن نەچچە قۇر خەت يېزىپلا تۈگەتكەندەك نەچچە قۇر كود يېزىپلا تۈگىتەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ جاپاسى بىزنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ، بۇ تەرەپ ماڭىمۇ ئاز-تولا مەلۇم. شۇڭا ئارقا بەتنى تەڭشەيدىغانلارنىڭ ۋە شۇ ئىشلارغا ئۆز يېنىدىن مەبلەغ چىقىرىۋاتقان مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ تەكلىپىمنى توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.


يۇقارقىلار پەقەتلا مىنىڭ كۆز قارىشىم، كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلەرنى بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.


بەلكىم يەنە ئاشۇنداق تەكلىپلەر بولۇپ قانسا مۇنبەرداشلار بىلەن داۋاملىق ئورتاقلىشىشىم مومكىن.

2

تېما

5

يازما

87

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
87
ۋاقتى: 2017-12-5 10:33:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەكلىپ مېنىڭچە خېلى ياخشى ھەم قىممىتى بار تەكلىپ بوپتۇ.دەۋر يېڭىلىقى ئەكس ئېتىپتۇ.

8

تېما

10

يازما

40

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
40
ۋاقتى: 2017-12-5 10:57:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالدۇرغان ئۇچۇرۇمغا مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە سەمىمىيەت بىلەن ئۇچۇر قايتۇرغانلىقىڭىزدىن شۇنداق مەمنۇن بولدۇم. ھەر قانداق بىر بەت بىر كوللىكتىپ ئاساسىدا روياپقا چىققاندا نۇرغۇن پىلان ۋە ئارزۇلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ ئوتتۇرغا چىقىدىغان گەپكەن. مەندىمۇ ئارزۇ شۇنداق ئۇلۇغ، لېكىن شۇنىڭغا چۇشلۇق دەرمان يوق. ئۈزۈمنىڭ فىلىمچىلىك ساھاسىدىكى ئىزدىنىشىم خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بۇلۇپ، بۇ ساھانى خېلى چۈشۈنىمەن، لېكىن فوتوگىرافىيە ۋە گىرافىك سەنئىتى توغرىسىدا چۈشەنچەم چوڭقۇر ئەمەس، شۇڭلاشقا مۇشۇ ساھادىكى ئۇستىلارنىڭ سىزگە ئوخشاش سەمىمى تەكلىپتە بۇلۇشى ۋە مۇشۇ ئاساستا بەتنى تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈشى ئۈچۈن ھەمدەمدە بۇلۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
مەن سىزنىڭ فوتوگىرافىيە جەھەتتىكى بىلىمىڭىز ۋە ئىزدىنىشىڭىز ناھايىتىمۇ چوڭقۇر ئىكەنلىكنى بىلگەچكە بۇ جەھەتتە سىزدىن مەسلىھەت سورىغان ئىدىم، سىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغان تەكلىپىڭىزنى پۈتۈنلەي قۇبۇل قىلىپ، بەتنى شۇ بۇيىچە تەڭشەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.
تور بەت سېستىمىسى توغرىسىدا مەن بىلەمسلىكتىن باشلاپ ھازىر پەقەت تەييار ماتىرياللاردىن پايدىلانىغۇدەك ھالەتتە، بولسا مۇشۇ ساھادىكى بىر كىشىنىڭ ياكى كوللۇلتىپنىڭ ماڭا ھەر جەھەتتىن ياردەمدە بۇلۇشىغا تۇلىمۇ ئېھتىياجلىق ئىدىم، لېكىن ياردەمدە بولغۇچىلار ئۆز ھاجىتىدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىنلا قۇيرۇقىنى تىكىۋىتىدۇ ياكى باشقا سەۋەپلەر، شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتە يەنە ئۆزلىكسىز ئىزدىنىشىمگە توغرا كىلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنىمۇ ھەل قىلىپ كىتەلەيمەن.
بەتنى ئۇنداق ps联盟دەك ئۇنداق ھالەتكە ئەكىلەلمىسەكمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.
رەخمەت سىزگە!

7

تېما

9

يازما

72

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
72
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-12-5 12:08:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ ئۇ ps联盟 تور بىتىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە ئاساسىي قۇرۇلمىسى مۇنبەرگە تازا ماس كەلمەيدۇ، ئەمما شۇنىڭدىكى Photoshop نىڭ كەسىپلەرگە قارىتا تۈرلىنىش شەكلىدىن پايدىلانساق بولىدۇ. شۇڭا شۇ بەتنىڭ سەھىپىلەرگە بۆلۈنۈش ھالىتى ئاساسىدا بىر قىسىملىرىنى قىسقارتىپ، يەنە بىر قىسىملىرىنى ئىخچاملاپ دېگەندەك  ئۆزۈم بىر تۈرلەپ باقتىم. بەلكىم ھازىرغا نىسپەتەن بۇ تەكلىپلەر بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندۇ، بىراق بىزدە مۇشۇنداق مۇنبەردىن بىرى كام بولىۋاتىدۇ. ھەم بۇ ھالەت مۇنبەر تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىدا چوقۇم شەكىللىنىدىغان ئىھتىياج دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇ تەكلىپنى بەردىم.
يەنە بەلكىم كېيىنكى كۈنلەردە ھەتتا كارتون سىزمىچىلىقىدىن تارتىپ سىدام سىزما ۋە گۈزەل سەنئەتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە قاراپ كېڭىيىشى مومكىن. بۇ كۆزۈمگە كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە مۇنبەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى يەنىلام يۇقىرىدا دىيىلگەندەك كومپيۇتېر لايىھەسى، فىلىمچىلىك ۋە سۈرەتچىلىك قاتارلىق بىرقانچە ساھە بىلەن چەكلەپ تۇرمىساق بولمايدۇ.
يەنە بىرى مۇنبەرگە LOGO سەھىپىدىن بىرى قوشۇلسا قانداق بولار؟؟ بۇنىڭغا مەخسۇس ماركا لاھىيلەش توغرىسىدىكى ئۆرنەك، نەزەرىيىۋى بىلىم ( ماركا لاھىيلەشتىمۇ نۇرغۇنلىغان نەزەرىيىۋى بىلىملەر بار، مەسىلەن ئالتۇن بۆلۈشتىن تارتىپ گەۋدىلىك ھەم كۆركەم قىلىشقىچە نۇرغۇن نەزەرىيەلەر بار) ، ھەرخىل دەرسلىك (دەرسلىكلەر مەيلى PS, AI, CDR، قول سىزما قاتارلىق ھەرقانداق تۈردىكى ماركا لاھىيەلەشكە مۇناسىۋەتلىكلا دەرسلىكنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)  ۋە تورداشلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى يوللانسا. چۈنكى ماركا لاھىيلەشمۇ كەسىپداشلار ئارىسىدا بوشلۇق ھېسابلانمىسىمۇ تور ساھەسىدە بىر بوشلۇق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە بۇنىمۇ ئايرىم بىر تۈر قاتارىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.

0

تېما

13

يازما

65

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
65
ۋاقتى: 2017-12-6 22:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokyarنىڭ تەكلىپى شۇنداق ياخشى بوپتۇ مەن قوللايمەن .                                                      
ئەخمەتجان ئابدۇكېرەم

0

تېما

1

يازما

5

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
5
QQ
ۋاقتى: 2017-12-8 15:17:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokyar ئۇستازنىڭ تەكلىپىگە تامامەن قوشۇلمەن  ،
مىنىڭ  بىر تەكلىپىم  باشقا خەنزۇچە مۇنبەرلەدىكى تىمىلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللاشنى ئويلىشىپ باقساق بولغۇدەك  
ئىشلىتىش ئالىي ئىنكاس(رەسىىم、فىلىم قاتارلىقلارنى قىستۇرالايسىز)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

مۇنبەرگە يوللانغان ھەربىر مەزمۇن پەقەت شەخىسنىڭ كۆز قارشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەربىر مۇنبەر ئەزاسى ئۆزى يوللىغان مەزمۇنغا قارىتا ئۆزى مەسئۇل بۇلىدۇ. ئىناق، ساغلام بولغان تور مۇھىتى بەرپا قىلىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار. تەمىنلەنگەن ئادرىسلارنىڭ ھەممىسى سىرتقى بەتكە ئۇلىنىدىغان بولغاچقا ھەربىر چۈشۈرۈش ئادرىسى ۋە ياكى باشقا قالدۇرۇلغان ئادرىسلارنى چەككەندە ئېھتىيات قىلىشىڭىزنى، بەك ئەنسىرسىڭىز بەتتە قالدۇرۇلغان ھەر قانداق ئۇلانمىنى چەكمەسلىكىڭىزنى ۋە ياكى مۇنبەرنى زىيارەت قىلماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز!
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش